上一张 下一张
تەپسىلاتى
بۇ ئۈچ خىل مېۋىنى مۇنداق يېسىڭىز قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئاشىدىكەن
ۋاقتى:2018-09-21 كۆرۈلىشى : 40

كىشىلەرنىڭ بەدەن ئاسراش ئېڭىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلارغا بەك دىققەت قىلىدىغان بولدى. مەسىلەن، مېۋە-چېۋىلەرنى تىلغا ئالىدىغان بولساق، كۆپلىگەن كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدى، بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش. مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن، سېللۇلۇزا، مېنېرال ماددا، فلاۋون قاتارلىق ئادەم بەدىنى ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول.

لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر مېۋە-چېۋىنى شۇ پېتىلا يېيىشنى تاللايدۇ، بۈگۈن دوستلارغا مېۋە-چېۋىنى يېڭىچە يېيىش ئۇسۇلىنى يەنى سۇدا پىشۇرۇپ يېيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇنداق قىلغاندا سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىللىشىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان بەزى كىشىلەردە بىئارامسىزلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكىدەك دائىم ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل مېۋىنى سۇدا پىشۇرۇپ يېيىشنىڭ زىيىنى يوق بولۇپ، ئۈنۈمى ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئاق تۇرۇچ (柚子)

ئاق تۇرۇچنىڭ باھاسى ئەرزان ھەم يېيىشلىك. بولۇپمۇ ئۇ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى. ئاق تۇرۇچتا بىر قەدەر كۆپ سۇ تەركىبى بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسسىقى ئارتىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. بىراق ئاق تۇرۇچ سوغۇق تەبىئەتلىك بولغاچقا، ئىستېمال قىلغاندا سۇدا پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاق تۇرۇچنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى يېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقىنى دەل ئاق تۇرۇچ پوستى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاق تۇرۇچنى يېگەندە پوستىنى تاشلىتىۋىتىدۇ.

ئاق تۇرۇچ پوستىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە فلاۋون تۈردىكى ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنى پىشۇرۇپ يېگەندىن كېيىن ئورگانىزىمدىكى «ئەسكى» خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، «ياخشى» خولېستېرىننى ئۆرلىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، يەنە يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

ئالما

كۆپلىگەن كىشىلەر ئالما يېگەندە پوستىنى ئاقلىۋىتىپ يەيدۇ. بىراق ساغلاملىق ئۇسۇلىدا بۇنداق قىلىش تەكىتلەنمەيدۇ. ئوزۇقلۇق ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالما پوستىدا مول ئوزۇقلۇق تالاسى بولۇپ، بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددا ئاشقازان-ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى ھېسابلىنىپ، يەنە قەۋزىيەتنىڭ، تۈگۈن تۈز ئۈچەي راكىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئالما پوستىدىكى ئوزۇقلۇق تالاسى مىقدارىنى ئالما ئېتىغا سېلىشتۇرغاندا، يېرىمىدەك ئوزۇقلۇق تالاسى يەنىلا ئۇنىڭ سىرتقى پوستىدا بولىدۇ. يەنە ئاتنوتسىئانىدىنمۇ ئاساسەن ئالمىنىڭ پوستىدا بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پوستى بىلەن ئېتىنى بىرلىكتە سۇدا پىشۇرۇپ يېسە ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ.

ئاپېلىسىن

ئاپېلىسىننىڭ تەركىبىدە مول مىقداردىكى ۋىتامىن C ۋە كاروتېن بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئاپېلىسىن پوستىنىمۇ يېگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاپېلىسىن ئېتى بىلەن پوستىنى بىرگە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاپېلىسىن پوستىدىكى ناركوتىن بىلەن ئاپېلىسىن پوستى مېيىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتىدە ئاپېلىسىن پوستى قىرتاق، ئاچچىق ھەم مۆتىدىل دەپ قارىلىپ، سۇدا پىشۇرۇپ يېگىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مېۋە مۇرابباسى ياساپ يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەينى ياخشى قوغدىغىلى، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى كېرەكسىز گازنى تارقاتقىلى، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىستىمال قىلغاندا ئازراق ئاچچىق ياكى قىرتاق ھېس قىلسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇۋەتسە بولىدۇ. 

باشبەت | بىز ھەققىدە | خەۋەر - ئۇچۇر | شىركەت ئېكرانىدا | مەھسۇلاتلار | ئالاقىلىشىڭ

ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى ئازاتلىق يولى جۇلا سودا شەھەرچىسى 11 - قەۋەت 8 -9 نۇمۇر

بارلىق ھوقۇق شىنجاڭ گۈزەل ھايات بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

Guzalhayat.com 由新疆爱康新生物科技有限公司版权所有, 盗版必究

新ICP备17002751号 ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 0991-2300091