上一张 下一张
تەپسىلاتى
بويى ئۆسمىگەن بالىلارنىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنىنى تەكشۈرتۈش كېرەك
ۋاقتى:2018-04-11 كۆرۈلىشى : 24

 

مۇخبىرنىڭ يېقىندا شەھىرىمىزدىكى قىسمەن دوختۇرخانىلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بالىلاردا پاكار، ۋىجىك بولغاندىن باشقا، جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىش ئالامىتى كۆرۈلگەن، يەنە سەمرىپ كەتكەن، يېتىلىشى ئاستا بالىلارمۇ بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى (بالىلار دوختۇرخانىسى) بالىلار بۆلۈمىنىڭ ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ۋېن يۈ مۇنداق دېدى: «ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى سەۋەپلىرىنىڭ 3/1ى جىنسىي ئىقتىدار بالدۇر يېتىلىشتىن بولىدىكەن، چۈنكى جىنسىي ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشى ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى تورمۇزلاپ، ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بوينىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن بىرى، ھېپوفىز چوقۇم يېتەرلىك مىقداردا ئۆستۈرگۈچى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشى؛ يەنە بىرى، سۆڭەك ئېپىفىزى پۈتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئۆستۈرگۈچى ھورمون ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەڭشەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا؛ ئۇ كۆمۈرچەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېپىفىز پىلاستىنكىسىنى كېڭەيتىپ، سۆڭەك ئېپىفىزىنى ئۆستۈرگۈچى بىردىنبىر ھورمۇن، شۇڭا ئادەمنىڭ بويىنىڭ ئېگىز ياكى پاكار بولۇشىنى ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بەلگىلەيدىكەن. ئادەم بەدىنىدە ئۆستۈرگۈچى ھورمون كەم بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇشىنى، بوينىڭ پاكار بولۇپ قېلىشىنى، ھەتتا پەتەكلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن».

ئوخشاش شارائىتتىكى ئىككى بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ سۆڭەك ئېپىفىزىنىڭ پۈتۈشىگىچە بولغان مەزگىلدە، يېشىنىڭ توختىماي چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۆڭەك ئېپىفىزىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ،بۇ مەزگىلدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بۇ ئىككى بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشى يېتەرلىك بولسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن، بويىمۇ ئېگىز بولىدىكەن؛ ئەكسىچە ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىشى يېتەرسىز بولسا، بالىلارنىڭ بويى پاكار، ۋىجىك بولۇپ قالىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، تۇغۇلغاندىن تارتىپ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان مەزگىلنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەزگىل ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىنىڭ بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى،ئەقلىي ئىقتىدارى، بەدەن ساپاسى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتىلىشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى؛ ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل ئۆتۈپ كەتسە، ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەك ئېپىفىزىنىڭ پۈتۈپ، سۆڭەك ئېپىفىزىنىڭ قايتا ئۆسمەيدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن بوي ئېگىزلىكىمۇ ئۆسۈشتىن توختايدىغانلىقىنى بايقىغان .

بۇنىڭدىن سىرت، باھار پەسلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. بۇ بالىلارنىڭ باھاردا يېتەرلىك ئىنفىرا قىزىل نۇر ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىدە ھىپوفىزدىكى قان ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ تېزلىشىدۇ، ئۆستۈرگۈچى ھورمون كۆپلەپ ئاجرىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۆڭەك ھۈجەيرىسىمۇ ۋىتامىن Dنىڭ رولى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ، بويىنىڭ تېخىمۇ تېز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ .

ئەگەر بالىلارنىڭ بويى پاكار بولسا، بوينىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈش مەزگىلىدە بالىنى ۋاقتىدا داۋالىتىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . (شۈ لىڭ)

 

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باشبەت | بىز ھەققىدە | خەۋەر - ئۇچۇر | شىركەت ئېكرانىدا | مەھسۇلاتلار | ئالاقىلىشىڭ

ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى ئازاتلىق يولى جۇلا سودا شەھەرچىسى 11 - قەۋەت 8 -9 نۇمۇر

بارلىق ھوقۇق شىنجاڭ گۈزەل ھايات بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

Guzalhayat.com 由新疆爱康新生物科技有限公司版权所有, 盗版必究

新ICP备17002751号 ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 0991-2300091