上一张 下一张
تەپسىلاتى
ئۇدۇل يۈرەككە بېرىپ تېگىدىغان 16 جۈملە
ۋاقتى:2018-04-13 كۆرۈلىشى : 42

04.jpg

 1. كىشىلەر دائىم يوقاتقاندىن كېيىن ئاندىن قەدىرلەشنى بىلىدۇ، دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە قەدىرلەشتىن كېيىنكى يوقىتىش ئەڭ ئازابلىقتۇر. بەزىدە، خەق سىزنى سەل چاغلاپ قالغان ئەمەس، بەلكى سىز خەقنى بەك مۇھىم چاغلاپ قالغان.

2. كىشىلەر ئارىسىدا ماسلاشماشلىق مەۋجۇت ئەمەس، ياراشسىلا بولدى. بىر يۈەنلىك چاقماقتا مىڭ يۈەنلىك سىگارتنى ياققىلى بولىدۇ. نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك بىر ئۈستەل تاماقمۇ ئىككى يۈەنلىك تۇزدىن ئايرىلالمايدۇ. ئايرىلغاندىن كېيىن قەدىرلەش ھامان كېچىككەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

3. ۋاقىت نەقەدەر ياخشى ھە، كىشى قەلبىنىڭ چىنلىقىنى، ئىنساننىڭ ئەينىنى، راست ۋە يالغاننىڭ ھەممىنى تونۇتىدۇ. يېشىلمەيدىغان قىيىن مەسىلە يوق، پەقەت يېشىلمەيدىغان قەلب تۈگۈنىلا بار.

4. ئىنسان ئاچكۆزدۇر، ھامان ھەممىگە تەڭلا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، لېكىن بۇ دۇنيادا ئونى تەل بولۇپ كېتىدىغان ئىش يوق. ھايات چەكلىك، قويۇپ كېتىشنى ئۆگىنىپ قالىمىز.

5. قاراڭغۇدىن قورقسىڭىز چىراغ ياندۇرۇڭ، سېغىنسىڭىز ئىزدەڭ. بۈگۈنكى ھەرقانچە چوڭ ئىش ئەتىگە قالسا كارى چاغلىق بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ يىلقى ھەرقانچە چوڭ ئىش كېلەر يىلغا قالسا بىر ھېكايىلا بولۇپ قالىدۇ.

6. ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئەكەتكىنى زامانلا بولۇپلا قالماي، يەنە يوقىتىشتىن قورقمايدىغان جاسارەتتۇر.

7. ئارزۇغا زىت كېلىدىغان رېئاللىق بەك كۆپ، كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغان ئىشقۇ بەك ئاز، ئەڭ گۈزەل بولىدىغىنى ھامان سىز ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمىگەندە، ئۆزى نۇر چاچقىنىچە ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.

8. ئۆزىڭىزدىن گۇمانلاندۇرىدىغان، ئۆتكۈزۈشمۇ تەس كېلىدىغان بىر كۈنلەر بولىدۇ، لېكىن سىز تەجرىبىلىك بولغاندا شۇنى بايقاپ قالىسىزكى، ئۇلار پەقەت ھاياتنىڭ نورمال تەرىپىدۇر.

9. پەقەت ئاجىزلارلا ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ، پەقەت كۈچلۈكلەرلا بوش كېلىشنى بىلىدۇ. رەھىمسىزلىكنىڭ سەۋەبى ئاساسىنىڭ بوشلۇقىدا، زەھەرخەندىلىكنىڭ سەۋەبى قەلب يارىسىدا.

10. سىز باشقىلارغا %100 ياردەم قىلىپ، كېيىن %80 لا ياردەم قىلغاندا، ئۇ سىزنىڭ بارلىق ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا پەقەت %70 لا ياردەم قىلغان بىرسىنى تاللايدۇ.

11. بەزى ئىشلارغا ئېرەن قىلمىغانلىق ئەمەس، بەلكى ئېرەن قىلسىمۇ پايدىسىز. ھاياتتا «ئەگەر» يوق، پەقەت ئاقىۋەت ۋە نەتىجىلا بار. پىشىپ يېتىلىش دېمەك تەبەسسۇم بىلەن بارلىق «كىچىك» ئىشلارغا يۈزلىنىش دېمەكتۇر.

12. ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۈچ خىل ئادەم: تەبەسسۇمىڭىز كەينىگە يوشۇرۇنغان قايغۇڭىزنى بىلىدىغان ئادەم، ئاچچىقىڭىزغا يوشۇرۇنغان ئاقكۆڭۈللىكىڭىزنى بىلىدىغان ئادەم، سۈكۈتلىرىڭىزدىكى سەۋەبنى چۈشىنىدىغان ئادەم.

13. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەھۋال ئاستىدا، ۋاقىت بىز ئۈچۈن ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگىنى يوق، ۋاقىت پەقەت سىز ئەسلىدە كىرىشىپ قالىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كارايىتى چاغلىق قىلىپ قويالايدۇ، خالاس.

14. نۇرغۇن چاغلاردا بىز خوشال ئەمەسمىز، يالغۇزلۇقتىن ئەمەس، بەلكى يىغلىغاندا تەسەللىي بېرەلەيدىغان ئادەمنىڭ چىقمىغىنى، قورققاندا ھەمراھ بولىدىغىنىنىڭ يوقلۇقى، چارچىغاندا يۆلىنىدىغان بىرسىنىڭ بولمىغىنىدىندۇر.

15. سىزگە بىر كەمپۈت بەرگىنىمدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىككى كەمپۈت بەرگىنىمنى كۆرۈپ، ماڭا باشقىچە پىكىردە بولۇپ قالىسىز؛ لېكىن سىز ئۇنىڭمۇ ئىلگىرى ماڭا ئىككى كەمپۈت بەرگىنىنى بىلمەيسىز، ھالبۇكى سىز ماڭا ئىلگىرى ھېچنېمە بېرىپ باقمىغانتىڭىز.

16. مۇۋاپىق بولغان ھاياتلىق پۇلغا ياكى ھوقۇققا يانداش ئەمەس، بەلكى روھىيەتكە يانداشتۇر؛ ھەقىقىي بەخت بايلىق ياكى ھەممىنىڭ توغرىلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلىشتۇر.

باشبەت | بىز ھەققىدە | خەۋەر - ئۇچۇر | شىركەت ئېكرانىدا | مەھسۇلاتلار | ئالاقىلىشىڭ

ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى ئازاتلىق يولى جۇلا سودا شەھەرچىسى 11 - قەۋەت 8 -9 نۇمۇر

بارلىق ھوقۇق شىنجاڭ گۈزەل ھايات بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

Guzalhayat.com 由新疆爱康新生物科技有限公司版权所有, 盗版必究

新ICP备17002751号 ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 0991-2300091