上一张 下一张
تەپسىلاتى
سىز بىلمەيدىغان 10 خىل ساغلاملىق ساۋاتلىرى
ۋاقتى:2018-04-16 كۆرۈلىشى : 20

 

1. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچمەسلىك

بەزىلەر تاماقتىن كېيىن چاي ئىچسە ماينى ئېرىتىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، ھېچقانداق مەسىلە يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ناھايىتى ئىلمىي بولمىغان ئادەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى چاي ياپرىقى تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرلەشكەندە، ئېرىشچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغان مولزىت ماددىسى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ناۋادا تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قالغاندا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئاسانلا تۆمۈر ماددىسى تۆۋەنلەپ، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن چېنىقىش كېرەك. 

نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ناھايىتى ھېرىپ كېتىدۇ. كەچتە ئادەتتە ياخشى يەپ ئارام ئېلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە سائەت 16 دىن 18 گىچە بولغان ئارىلىقتا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇراسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆپكە سىغىمچانلىقى ۋە يۈرەك ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بەدەننىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. بۇ خىل ھالەت بولۇپمۇ تېننىس توپ، ۋالىبول قاتارلىق كۈچ مەشىقى كېتىدىغان، ماي خورىتىدىغان تەنھەرىكەتلەرگە ماس كېلىدۇ. 

3. ئۇيقۇ ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ 

بىز دائىم مۇتەخەسسىسلەر :«قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»دەيدۇ، دەپ قارايمىز. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇخلاش ۋاقتى 7~8 سائەت بولۇشى كېرەك. ئارتۇق ئۇخلىغان ئۇيقۇنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى ناھايىتى قىسقا بولسا، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن. 

4. تۆمۈر ماددىسى ۋە كالتسىي ماددىسىنىڭ تولۇقلاش ۋاقتى ئايرىم بولىدۇ. 

چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرىدىغان ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىن تۈردىكى ماددىلارنى تولۇقلاشقا بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە، ئەگەردە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى كەچ سائەت 19 دىن كېيىن ئىستېمال قىلسا، سەھەردە ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا ئۈنۈملۈك بولىدىكەن. چۈشتىن تاكى سەھەرگىچە ئادەم بەدىنىدىكى قان كالتسىيسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدىكەن، شۇڭا ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالتسىي تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، كالتسىينى تولۇق سۈمۈرۈتكىلى بولىدىكەن. 

5. قېتىق ئارقىلىق ئاچلىقنى باسماسلىق كېرەك. 

ئادەم ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئاشقازاندىكى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ كىسلاتالىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئاچ قورساققا قېتىق ئىچسە، قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، قېتىقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئەمما تاماقتىن كېيىن بىر ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تارقالغاندىن كېيىن، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسى سۈت كىسلاتاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى باب كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قېتىق ئىچسە ئۈنۈملۈك ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى ۋاقىت قېتىق ئىچىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت. 

6. كېچىلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. 

كەچ سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ۋاقىت بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنى ئەركىن ھالەتنى ساقلاشقا موھتاج بولىدۇ. ھەرخىل جىددىي ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ۋاقىتتا مۇزىكا ئاڭلاشنى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى تاللىسىڭىز كېسەل بولۇش قېتىم سانىنى تۆۋەنلىتەلەيسىز. 

7. ئىككى ۋاقلىق تاماق ئارىلىقىدا مېۋە ئىستېمال قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش. 

نۇرغۇن كىشىلەر كۈندۈزى ئالدىراپ خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا كۈندۈزى مېۋە يېيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز، ئوزۇقشۇناسلار ئادەتتە تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن مېۋە ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.(ئاز بىر قىسىم مېۋىلەرنى مىسالغا ئالمىغاندا)، ئەمەلىيەتتە ئىككى ۋاقلىق تاماق ئارىلىقىدا مېۋە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئوزۇقلۇقنى تولۇق سۈمۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئېنېرگىيەنى تولۇقلاپ، ئاچلىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. 

8. ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ۋاقىتقا ۋە تاماق ۋاقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. 

ئەگەر سىز ئۇششاق يېمەكلىك يېمەكچى بولسىڭىز، سائەت 11 دىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى تاللاڭ، بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىزگە كىرگەن ماينىڭ كۆپىنچىسى خوراپ تۈگەيدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن بەدىنىڭىزدىكى يىغىلىپ قالمايدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا، قەنت قوشمىغان قەھۋەدىن ھوزۇرلىنىڭ، بۇنداق بولغاندا قەھۋە ئاسانلا پارچىلىنىدۇ، ھەمدە ماينى پارچىلىنىشنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز كەچلىك تاماقنى 18 دىن بۇرۇن يەڭ. 

9. ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈڭ.

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاينىڭ بېشىدىكى 10 كۈن ئەتراپىدىكى ۋاقىت سۈت بېزىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ۋاقتى. بۇ چاغدا، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سۈت بېزىگە بولغان تەسىرى ئەڭ كىچىك بولىدۇ، سۈت بېزى نىسپىي تىنچ ھالەتتە بولۇپ، سۈت بېزى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىرقەدەر مۇقىم ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.  

10. كۆپ سۇ ئىچمەڭ. 

گەرچە بىز كۆپ سۇ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلساقمۇ، ئەمما «كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش» دېگەندەك ئاقماس گەپلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئامېرىكا ئىچىملىك سۇ شىركىتىنىڭ مەھسۇلات سېتىشتىكى تاكتىكىسى بولۇپ، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق. ئەڭ توغرا سۇ ئىچىش ئۇسۇلى بولسا، قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ ھەر كۈندىكى سۇ ئىستېمال مىقدارى 120 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولسىلا كۇپايە، ئادەم بەدىنى سۇنى قوبۇل قىلغاندا بۆرەك مېتابولىزم قىلىدىغان بولۇپ، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكەندە بۆرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي سالامەتلىككىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

باشبەت | بىز ھەققىدە | خەۋەر - ئۇچۇر | شىركەت ئېكرانىدا | مەھسۇلاتلار | ئالاقىلىشىڭ

ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى ئازاتلىق يولى جۇلا سودا شەھەرچىسى 11 - قەۋەت 8 -9 نۇمۇر

بارلىق ھوقۇق شىنجاڭ گۈزەل ھايات بىئو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە

Guzalhayat.com 由新疆爱康新生物科技有限公司版权所有, 盗版必究

新ICP备17002751号 ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى : 0991-2300091